مىنا ئوۋلاش پاراخوتىمىز ئەگە دېڭىزىدا مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مىنا ئوۋلاش پاراخوتىنىڭ ئەگە دېڭىزىدا مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى <TCG Anamur> مىنا ئوۋلاش پاراخوتىنىڭ <ARIADNE-2024 مانېۋىرى> دائىرىسىدە گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى <HSEvropi> بىلەن ئەگە دېڭىزىدا مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مىناغا قارشى تۇرۇش 2- خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان <TCG Anamur> مىنا ئوۋلاش پاراخوتىمىز <ARIADNE-2024 مانېۋىرى> دائىرىسىدە، گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى <HS Evropi> بىلەن 2024-يىلى 2 – مارتتا، ئەگە دېڭىزىدا مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.