ئەردوغان: 2028-يىلى ئاققويۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق رېئاكتورلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2028-يىلىغىچە ئاققويۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق رېئاكتورلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2112521
ئەردوغان: 2028-يىلى ئاققويۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بارلىق رېئاكتورلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ يەرلىك سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئورۇنلاشتۇرغان مەرسىن چوڭ يىغىلىشىدا سۆز قىلدى.

يىلىغا 35 مىليارد كىلوۋات سائەت توڭ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاققويۇ ياردو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئىستانسىسىنىڭ بارلىق رېئاكتورلىرى 2028-يىلىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئىزچىل ھالدا تېخىمۇ چوڭ نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدۇق. 20 لىك ھالىتىدە تاپشۇرۇپ ئالغان مۇداپىئە سانائىتىدىكى يەرلىكلىشىش نىسبىتىنى %80 كە چىقاردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە باشقىچە ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر