قۇرتۇلمۇش ماۋرىتانىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى موخامەد بامبا ئوۋلد مېگۇت بىلەن كۆرۈشتى.

2111540
قۇرتۇلمۇش ماۋرىتانىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھلەپ، ئىسلام ھەمكارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ پىروگراممىسى دائىرىسىدە ماۋرىتانىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ماۋرىتانىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى موخامەد بامبا ئوۋلد مېگۇت بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا: «ئۇچرىشىشىمىزدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردۇق، ماۋرىتانىيەدە ئافرىقا ئىتتىپاقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ھەمدە ماۋرىتانىيەنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر