گېنېرال مەتىن گۈراك گامبىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىنى كۈتۈۋالدى

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۈراك گامبىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مايور گېنېرال مامات ئوئا چام بىلەن كۆرۈشتى.

2110664
گېنېرال مەتىن گۈراك گامبىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال مەتىن گۈراكنىڭ تەكلىپىگە بىنەئەن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن گامبىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مايور مامات ئو چام، ئارمىيە باش ئىشتابىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى كۈتۈۋېلىندى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، مېھمان باش ئىشتاب باشلىقى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا سالام بەردى.

مۇراسىمدىن كېيىن، باش ئىشتاب باشلىقلىرى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر