فىدان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 1-3-مارت كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى رامكىسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2110374
فىدان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-قېتىملىق ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى رامكىسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سىستېمىلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مودېللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەڭ شېرىكلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپلىرىغا تايىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئافرىقادىكى 44 دۆلەتتە ئەلچىخانا ئاچقانلىقىنى، ئافرقا قىتئەسى بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 40 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى ۋە بىۋاستە مەبلەغ سوممىسىنىڭ 6 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئافرىقا دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك، تەرەققىيات، يېمەك-ئىچمەك ۋە قەرز قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ، تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئافرىقانىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چارەلىرىنى ئافرىقادىن تېپىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، 3-قېتىملىق تۈركىيە-ئافرىقا مىنىستىرلىرى كۆزدىن كەچۈرۈش كونفېرانسىنىڭمۇ پات يېقىندا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە ئافرىقادىن توققۇز دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، 25 تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتناشتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر