ئۆنال ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ب د ت ئۆنال رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇش ئۇيغۇرچە

2108086
ئۆنال ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توخىتلىپ: «ھەقىقىي، سىجىل، ھەممىدىن مۇھىمى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدىغان تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كېچىكتۈرمەستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك» دېدى.

ئۆنال تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغال قىلىنغان يەرلەر توغرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي ۋەيرانچىلىقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆنال، بۇ ئۇرۇشنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن: «تۈركىيە بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا بۇ ئۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ قوشۇۋېلىنىشىنى رەت قىلىپ كەلدى» دېدى.

باش ئەلچى ئۆنال تۈركىيەنىڭ قىرىم قانۇنسىز قوشۇۋېىنغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى قوللاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

«قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى»نىڭ دىپلوماتىيەنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۆنال: «مەزكۇر كېلىشىمنى تۇتقا قىلىپ، قارادېڭىزنىڭ سودا قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭى بىخەتەرلىك رامكىسىنى قانداق بەرپا قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى ئونال قارا دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىنىڭ جىددىيچىلىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ۋە يەر شارى يېمەكلىك بازىرىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر