ئەردوغان بۇلغارىيە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە-بۇلغارىيە ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

2106894
ئەردوغان بۇلغارىيە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا تېلېگرامما يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇلغارىيە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممسىدا، تۈركىيەدە 31-مارتتا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز سايلام سەۋەبىدىن ناھايىتى ئالدىراش بولۇۋاتىمىز. گەرچە مەن جىسمانىي جەھەتتىن ئاراڭلاردا بولالمىغان بولساممۇ، قەلبىمنىڭ سىلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر. رەببىمنىڭ ئارىمىزدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە ھەمكارلىقنى مەڭگۈلۈك قىلىشىنى تىلەيمەن» دېدى.

بۇلغارىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىتتىپاقدىشى ۋە ئىشەنچلىك دوستى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىز كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيە-بۇلغارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىمىز. بۇلغارىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ھەر ساھەدە ياخشىلاشقا تىرىشماقتىمىز ۋە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەلۋەتتە، يۇرتداشلىرىمىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان كۈچلۈك ئىنسانىي كۆۋرۈكلەرنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ بۇلغارىيە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ بۇلغارىيە سىياسىتى ۋە دېموكراتىيەسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىدىن خۇشالمىز. بۇ ھەرىكەت تۈركىيە-بۇلغارىيە ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرلىكتە، يۇرتداشلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. يېڭىدىن سايلىنىدىغان رەھبەرلەرنىڭ بۇ چۈشەنچىنى چۆرىدەپ، سايلىغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ھالەتتە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە ۋەكىللەرنىڭ ئىرادىسى بىلەن سايلىنىدىغان تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلار، جۈملىدىن پارتىيەنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارغا چىن قەلبىمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇلغارىيە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنى قۇرۇلتايغا تەكلىپ قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «مەن بۇلغارىيەدە ياشايدىغان بارلىق يۇرتداشلىرىمىزغا، ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋە بۇلغارىيەلىك دوستلىرىمىزغا سالام يوللايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر