خاقان فىدان بىرازىلىيەدە بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا تېزدىن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرەلەشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو شەھىرىدە گ 20 دۆلەتلەتلەر گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسدە، ئامېرىكالىق مەنسەپدېشى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشقا تېزدىن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كېڭىيىش مۇساپىسى، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق مۇساپىسى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا يەنە، كەلگۈسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.