قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2105337
قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شېھىتلەر ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ۋە ئەزىز ۋەتەن ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە - قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا بايقىغان پ ك ك ئەزاسى 6 تېرورچىنى ئۇجۇقتۇردى. تېررورچىلار مەيلى قايسى تۆشۈككە كىرىۋالسۇن، ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇقەررەر ئاقىۋەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر