فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە كومماسىت بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان لائوس مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالېئۇمخاي كومماسىت بىلەن كۆرۈشتى.
2098045
![فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە كومماسىت بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9c9d/2244/1cbd/65c177e018453.jpg?time=1719063465)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كومماسىتنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقارمىسىدا كۈتۈۋالغانلىقىنى ۋە سۆھبەت جەريانىدا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشمى» ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىدان بىلەن كومماسىتنىڭ يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.
لائوس شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولغاچقا، ئىككى مىنىستىرنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1719063465)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.