ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ مۇھىم ئۇل - ئەسلىھە، تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ئاتالمىش ​​ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 نىشاننى بىتچىت قىلدى.

2088541
ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقتا يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش ​​ھەربىي، ئىستىخبارات، ئېنېرگىيە، ئۇل - ئەسلىھە ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنى بىتچىت قىلىشتىن سىرت، تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل شەخسلىرىگىمۇ نىشانلىق زەربە بەردى.

ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ  بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بەش ھالقىلىق ئۇل - ئەسلىھەسى، ئۈچ تەكشۈرۈش پونكىتى، سەككىز ئاتالمىش ​​ھەربىي نۇقتىسى، ئىككى ئوق- دورا ئىسكىلاتى، ئىككى ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرى، ئىككى تېخنىكىلىق ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ۋە بىر تونېل ھەمدە ئىستېھكام قۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلى قاتارلىق جەمئىي 23 نىشان ۋەيران قىلىندى.


خەتكۈچ: #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر