شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.
2084864
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورنى ئۇۋىسىدا تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئۈچۈن، قەتئىي ئىرادە بىلەن پائال كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئارمىيەمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك ئەزاسى يەنە ئىككى تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.