شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 16 ئورنىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2082305
شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «پ ك ك / ك ج ك ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ خەلقىمىز ۋە بىخەتەرلىك قىلىسملىرىمىزغا قىلىنىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىزامنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئاساسەن، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، گارا، خاكۇرك، قاندىل ۋە ئاسوس رايونلىرىدىكى تېرروچىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى؛ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن پايدىلىنىلىۋاتقان، ئىچىدە ئاتالمىش مەسئۇل تېررورچىلار بار دەپ قارالغان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئىسكىلاتلار بولۇپ جەمئىي 16 نىشان يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر