ئەردوغان: ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋالماسلىقى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ دۇنيادا كۈچىيىۋاتقان «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلسۇن» دېگەن چاقىرىقلارغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2078441
ئەردوغان: ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋالماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ بارلىق ئۇچرىشىشلاردا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋېنگىرىيە زىيارىتىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا، قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان خىزمەتلەرنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل دۇنيادا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئەمدى ئامېرىكا بۇ چاقىرىقلارغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئىسىرائىلىيە پەقەت غەززەنىلا بومباردىمان قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ. تارىخ بۇلارغا جىمجىت قاراپ تۇرغانلارنى سوتقا تارتىدۇ ۋە تارىخنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا مەھكۇم قىلىدۇ. تەختىنى بىكار قىلىش، نېتانياھۇنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئاجىزلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلىمىز. نېتانياھۇنىلا ئەمەس، بۇ قىرغىنچىلىقتا قولى بولغان ھەممە كىشى قانۇن ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئىسىرائىلىيەدىمۇ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈچلۈك ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى. ئەسىرلەرنىڭ ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى نارازىلىقلارنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.»

ئۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە ئاشلىق كارىدورىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «پات يېقىندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاشلىق كارىدورىنى ئاچايلى دەيمەن. ئىنشائاللاھ ئۇنىڭدىن ئىجابىي جاۋاب ئېلىپ، يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر