فىدان ۋارخېلي بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن تېلېفونلاشتى.

2077787
فىدان ۋارخېلي بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ۋارخېلى تېلېفونلىشىپ، 12-دېكابىر (2023) ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرى يىغىنى بىلەن 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مىنىستىر فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىنىڭ، مۆلچەرلىنىۋاتقاننىڭ ئەكسىچە، ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنماي، كېيىنكى قېتىملىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىشقا كېچىكتۈرۈلۈشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى ۋارخېلىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تېخىمۇ ھەققانىي ۋە مۆتىدىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان فىدان، دۇنيادا خىرىسلار كەسكىنلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر فىدان يەنە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە بالدۇرراق كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر