ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

پايتەخت ئەنقەرەدە پەلەستىن ھەمكارلىق مۇنبىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

2077031
ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ھەمكارلىق مۇنبىرى ئەنقەرەدىكى مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار پەلەستىننى قوللاپ ھەر خىل شوئارلارنى توۋلىدى، شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردا، دۇنيانىڭ غەززە بىلەن سىنىلىۋاتقانلىقى، جىمجىت قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقانلىقى، غەززەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجلىرى ھەل قىلىنغان ئەھۋالدا قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئازىراق بولسىمۇ يەڭگىللەيدىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇڭا، مىسىر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئىزچىل يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

مۇسۇلمان دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ،  ھەر تۈرلۈك سىياسىي ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىندى.

ئىستانبۇلدىمۇ فاتىھ جامەسىدە «غەززە ئۈچۈن دۇئا قىلىش» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتكە، نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر