ئەلىيېۋ فىداننى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەزەربەيجاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

2076620
ئەلىيېۋ فىداننى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

فىدان ئەزەربەيجانلىق مەنسەپدىشى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىر فىداننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسى، قاراباغ غەلىبىسىدىن كېيىن جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلماقچى بولغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان ماددىلار قاتارلىقلار بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر