غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 68 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 68 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مىسىر ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.
2073052
![غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 68 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5710/22a1/5d31/6570179966896.jpg?time=1718967822)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن مىسىرغا ئۆتتى.
تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئېلىپ قاھىرە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قوندى.
ئايرودۇرۇمدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى بىلەن تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) خادىملىرى كۈتۈۋالدىى.
پاسپورت تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، پۇقرالار مەخسۇس ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوبۇس بىلەن تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718967823)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.