سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىككى تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2069698
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچلىك سېلىش مەقسىتىدە چىقارغان ئوقلىرى جازاسىز قالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر