«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر ئەسكەر بىلەن قوشۇلۇپ شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 3 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«26-نويابىر كۈنى <پەنجە – قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يارىلانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەھرىمان سەپدىشىمىز، پىيادە ئەسكەر فەۋزى قىزىلتاش داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى. بىزنى قاتتىق دەرد – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ ھادىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر – تاقەت تىلەيمىز.»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە پىيادە ئەسكەر، ئوفىتسېر نەجدەت چالىش بىلەن پىيادە ئەسكەر ئەمراھ گۈندۇزنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.