ئەردوغان: تارىخىمىزنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە زۇلۇمغا رازى بولمىدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ رەھىمسىزلىكىگە قارشى ئاۋازىنى چىقارمىغانلارغا ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ۋە مۇستەملىكىگە ئارىلىشىپ قالمىدۇق» دېدى.

2068600
ئەردوغان: تارىخىمىزنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە زۇلۇمغا رازى بولمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تۈركىيە ئىجادكارلىق ھەپتىسى – چىمپىيون ئىجادكارلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى»دا سۆز قىلىپ: «ئاللاھقا شۈكۈر، تارىخىمىزنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە زۇلۇمغا رازى بولمىدۇق. بىز بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ رەھىمسىزلىكىگە قارشى ئاۋازىنى چىقارمىغانلارغا ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ۋە مۇستەملىكىگە ئارىلىشىپ قالمىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە: تۈركىيە قىيىن كۈنلەردە پاناھلىنىدىغان بىخەتەر ئۇۋا. تۈرك بولسا، سېغىنىلىدىغان، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈلىدىغان، ئايىغى باسقان ھەممىلا يەردە ياخشىلىقى بىلەن سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىنىدىغان كىشىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر