مىللىي ئىستىخابارات تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يەنە بىر «كاتتىباش»نى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) سۈرىيەنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن بىرىنى ئۇجۇقتۇردى.

2067923
مىللىي ئىستىخابارات تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يەنە بىر «كاتتىباش»نى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) سۈرىيەنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى — ئىنتېرپولنىڭ ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان گۇماندارلار تىزىملىكىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللارغا مەسئۇل كاتتىبېشى خايرى سەرھات كود ئىسىملىك فاھرەتتىن تولۇننى ئۇجۇقتۇردى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىنتېرپول، 1992-يىلىدىن بۇيان سۈرىيە، ئىران ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئېغىر تىپلىق قوراللارغا ئىگە قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېررورچى تولۇن ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىكەن.

ئىغدىر ۋە ئەرزۇرۇم جىنايى ئىشلار يۇقىرى سوتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغان تېررورچى تولۇن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رۇمېيلاندا مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر