ئورالئوغلۇ: ئەزەربەيجان بىلەن ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ ئەزەربەيجان بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، پۈتكۈل رايون پايدىلىنىدىغان زەنگەزۇر كارىدورى لىنىيەلىرىنى تېز سۈرئەتتە پۈتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2065263
ئورالئوغلۇ: ئەزەربەيجان بىلەن ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرالئوغلۇ ئەزەربەيجاننىڭ زەڭگىلاند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى»دا سۆز قىلىپ، زەنگەزۇر قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ يېڭى پۇرسەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ كاۋكاز رايونىنىڭ نورماللىشىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە تۆمۈر يول ۋە تاشيول تىرانسپورتى لىنىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بۇ تۈگۈننى روياپقا چىقىرىش پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قەدەم بولۇپ قالىدۇ. بىز بۇ لىنىيىنى تېزدىن تاماملاش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان بىلەن ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. مەن بۇ يەردە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قارمىقىدىكى ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئورگانلىرىمىزنىڭ سۆھبەتلەرنى باشلىغانلىقىدىن رازى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر