سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان بىر تېررورچى چېگرادا قولغا چۈشتى

سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د ئەزاسى بىر تېررورچى شانلىئۇرفانىڭ جەيلانپىنار ناھىيەسىدە قولغا چۈشۈرۈلدى.

2057479
سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان بىر تېررورچى چېگرادا قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بىر تېررورچىنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاخبارات تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، چېگرا لىنىيەسىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تېررورچىنى چېگرا لىنىيەسىدىلا قولغا چۈشۈردى.

تېررورچى ئۈستىدىن ئەدلىيە تەكشۈرۈشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر