ئەزەربەيجاندا «مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» مانېۋىرى باشلاندى

ئەزەربەيجاندا تۈركىيە - ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «2023 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرى باشلاندى.

2054568
ئەزەربەيجاندا «مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «2023 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، باكۇ، نەخچىۋان ۋە ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردا بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان.

3 مىڭ خادىم، 130 تانكا - بىرونىۋېك، تەخمىنەن 100 زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، تەخمىنەن 20 ئايروپىلان، تىك ئۇچار بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر داۋامىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك قىسىملىرى ئايروپىلان، تىك ئۇچارلار بىلەن زامانىۋى جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ماھارەت كۆرسىتىدىكەن: چاقماق تېزلىكىدە دەريادىن ئۆتۈش كۆۋرۈكلىرى ياسىلىپ، سىمۋوللۇق دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈلىدىكەن.

بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ نىشانى، تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر – ئالاقەنى كۈچەيتىش ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىكەن.

تۈركىيە - ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «2023 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرى 25-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر