فىدان ئامېرىكا، مالايشىيا ۋە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبىرى ئابدۇلقادىر ۋە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2051311
فىدان ئامېرىكا، مالايشىيا ۋە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان ئالدى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

 ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس 10-ئاينىڭ 7-كۈنى(2023) ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىغان، ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يېقىنقى كۈنلەردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۇدا ئۈچ قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە،  ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان كېيىنچە مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبىرى ئابدۇلقادىر ۋە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

مىنىستىر فىداننىڭ مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبىرى ئابدۇلقادىر بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

فىداننىڭ دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن بىلەن  ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – دانىيە مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر