ئەردوغان: ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2050667
ئەردوغان: ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك تۈركىيە- ئافرىقا سودا ۋە ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئىسرائىلىيە- پەلەستىن سۈركىلىشى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

«بىز جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، رايونغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، جامەلەر، دوختۇرخانىلار ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشتەك قىلمىشلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

غەززەنىڭ ئىنسانىي ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرۇۋەتكەن قامالنىڭ رايوننى قۇتراتقۇلۇقلارغا ئوچۇق سەزگۈر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، پۈتۈن دۇنياغا خىتاب قىلىپ: «360 كۋادرات كىلومېتىر جايغا قاپسىلىپ قالغان ئىككى مىليون كىشىنىڭ توك، سۇ، يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىكلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق» دېدى.

غەززە خەلقىنى كوللېكتىپ ھالەتتە جازالاشنىڭ پەقەت مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئازاب، جىددىيچىلىك ۋە كۆز ياشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان رايونغا تۇنجى تۈرك ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننىڭ بۈگۈن مىسىرنىڭ ئەرش ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئايروپىلاندا دورا، چىداملىق يېمەكلىك، كونسېرۋا، زاكا، سۇ ۋە داۋالاش بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى — ئافادنىڭ رايونغا يېڭى ياردەم ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، مىسىر دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مىليونلىغان كىشىلەر ئاچارچىلىق خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ توختىتىلىشىنىڭ بولسا، يېڭى بىر نومۇس دېغى سۈپىتىدە بۇ قارارنى چىقارغانلارنىڭ پېشانىسگە چاپلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئەقىل- پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىش، ئاندىن مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى بەرپا قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى.

«غەززە ھازىر مەزلۇمدۇر، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدۇر. ئەمما ئىسرائىلىيەدە بۇنداق بىر زۇلۇم ۋەزىيىتى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن ئەردوغان، ئامېرىكانىڭ رايونغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىك، دىيالوگ، دىپلوماتىيە ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئازايتىشقا تۆھپە قوشمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى <ئىسرائىلىيەگە مىنىستىر سۈپىتىدە ئەمەس، بىر يەھۇدىي سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىمەن> دەۋاتىدۇ. بۇ قانداق سىياسەت چۈشەنچىس؟!» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر