خاقان فىدان ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك تىرىچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكتىن كېيىن، مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2047963
خاقان فىدان ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك تىرىچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايمان ئەل سەفەدى ۋە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. سۆھبەتتە ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۇنمۇ ئىسرائىلىيە - پەلەستىن يىرىكچىلىكى باشلانغاندىن كېيىن، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل تانى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارخان، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىخ شۇكرى، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەل مالىكى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن تېلېفودا كۆرۈشكەن ئىدى.

فىدان يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ مەسىلىنى مۇزاكىرەلەشكەن ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغاندىن سىرت، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونلىرىغىچە بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ نەچچە ئون ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر