ئەردوغان ئامېرىكادىن ئايرىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكادىن ئايرىلدى.

2040167
ئەردوغان ئامېرىكادىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن «TC-TRK» تىپلىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 05.25 دە تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى جون كېننىدى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال، ۋاشىنگىتون باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان ۋە نيۇ يورك باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۈر قاتارلىقلار ئۇزىتىپ قويدى.  

ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، مۇھىت، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئۆزھاسەكى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئائىلە خىزمەتلىرى مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر