ئەردوغان ئامېرىكادىكى سودا - سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن دائىمىي بىخەتەر پورت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2040226
ئەردوغان ئامېرىكادىكى سودا - سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارەت پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە سودا - سانائەتچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىقتىسادىي پىروگراممىسىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ قەتئىي دۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لىراسىنىڭ چەت ئەل پۇلىغا قارشى قىممىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى قەيت قىلدى، مالىيەنىڭ مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى  تەكىتلىدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە سىياسىي مۇقىملىقى، ئالىي مەلۇماتلىق ئەمگەك كۈچى، ياش نوپۇسى، كەڭ دائىرىلىك ئىچكى بازىرى، رايونلۇق بازارلاردىكى نوپۇزى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى بولۇپ كەلمەكتە. رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورنىتىۋاتقان قويۇق دىيالوگنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنمەكتە.»

تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزغا قويۇلۇۋاتقان توسالغۇلار ۋە 60 يىلدىن بۇيان بىز دۇچ كېلىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرگە قارىماي، بىز يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش نىشانىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر