خاقان فىداننىڭ نىيۇيوركتىكى قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى باشلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 78- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇيوركقا بارغان مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىك ئالاقىسىنى باشلىۋەتتى.

2038793
خاقان فىداننىڭ نىيۇيوركتىكى قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى باشلاندى
fidan martin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايېربوك بىلەن ب د ت بىناسىغا يېقىن يەردىكى تۈركئۆيىدە كۆرۈشتى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسى، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزالى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر فىدان يەنە نيۇيوركتا ئىرېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل مارتىن بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، ئۆزئارا يۇقىرى قاتلاملىق زىيارەتلەر، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى، قىبرىس مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە- ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار  مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر