ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز دۆلىتىمىزنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرىمىز دېگەنىدۇق، (نۆۋەتتە) بۇنىڭغا كېرەكلىك زۆرۈر ئۇل ئەسلىھە ۋە ماددىي ئىمكانىيەتلەرنى تەييارلاۋاتىمىز» دېدى.

2033465
ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان رۇسىيەدىن قايتىۋېتىپ، ئايروپىلاندا سوچىدىكى بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتى ھەققىدە توختالدى؛ ئۇ رۇسىيە گازىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ: «(رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئايرىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىمىز. ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئارقىلىق ياۋروپاغا ۋە دۇنيا بازىرىغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان تۈرلەرنى يولغا قويىمىز.

تۈركىيەدە قۇرۇلىدىغان تەبىئىي گاز مەركىزى سايىسىدا، ئېنېرگىيەنى يۆتكەش ۋە باھا مەسىلىلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىمىز. بىز دۆلىتىمىزنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرىمىز، دېگەنىدۇق، (نۆۋەتتە) بۇنىڭغا كېرەكلىك زۆرۈر ئۇل ئەسلىھە ۋە ماددىي ئىمكانىيەتلەرنى تەييارلاۋاتىمىز.

يېقىنقى يىللاردىكى سېلىنمىلىرىمىز ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى رايون جۇغراپىيەسىنىڭ مۇھىم تەبىئىي گاز بازىسىغا ئايلاندۇرىمىز. بىز تۈركىيەنى ئالدى بىلەن رايوننىڭ، ئاندىن يەر شارى ئېنېرگىيەسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش نىشانىمىزغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېدى.

«بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئورناتقان ئورگانلار ئارا سۆھبەتنىڭ پايدىسىنى ھەم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە، ھەم رايون ۋە دۇنيا سەھنىدە كۆردۇق» دېگەن ئەردوغان، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇ كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇھىم ئىشى. بىز بۇ مەسىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىمىز بار. ئۇ يەردە (ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو) گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىمىز. مەن ھۆرمەتلىك باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ بىلەن ئەرەب قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە توختىلىپ: «ھازىر يۈز بېرىۋاتقىنى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە ئۆز زېمىنلىرىغا ئىگە چىقىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ تېررورچىلار ئەمەس، ئەرەب قەبىلىلىرى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلىنىدۇ. قەبىلىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، پ ك ك غا، ي پ گ گە قارشى بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى، ئېسىل ئىززەت – ئابرۇي كۈرىشى بولۇپ، ھەم مىللىي ھەم يەرلىكتۇر» دېدى.

«پ ك ك / ي پ گ نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق رايون خەلقىگە ياشاش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەر كۆرۈپ يېتىشى كېرەك» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنى ئىزچىل ھالدا پ ك ك / ي پ گ نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە دۆلىتىمىزگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرى ھەققىدە ۋاقىپلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. دەيرۇززۇردىكى نېفىتنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلمايدىغان قىرغىنچىلىقى ۋە تېرورلۇق پائالىيىتى يوق. بۇ جەھەتتە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇردۇق ۋە ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەرگەن قورال – ياراغلىرىنىڭ رايوننىڭ خاتىرجەملىكىگە خىزمەت قىلمىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلگەن ھەر بىر قورال، رايوندا تۆكۈلۈۋاتقان قاننىڭ داۋاملىشىشىغا، ئىراق ۋە ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ بۇزۇلۇشىغا خىزمەت قىلماقتا» دېدى.

ئۇ يەنە تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىياسىي مۇساپە، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەر، ئىختىيارى ۋە ئىززەت – ئابرۇيى قوغدالغان ھالدا قايتىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنماقتا. ئەگەر بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولسا، سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز باشتىن تارتىپلا سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن (رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ئىشتىراك قىلىشى) بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تۆت دۆلەت سۆھبەتلىرىنىڭ ئالدىنقى شەرتسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر