ئەردوغان بۈگۈن سوچىدا ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن سوچىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن سوچىدا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
ئەردوغاننىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە-رۇسىيە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ھەر قايسى جەھەتلەردىن تولۇق كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى 17-ئىيۇلدا رۇسىيە چېكىنگەن قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى بولىدۇ.
ئىككى رەھبەر كېلىشىمنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.