چەلىك «ئاتاتۈرك» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىدى

ئۆمەر چەلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى / كىنو – فىلىم سۇپىسىنىڭ «ئاتاتۈرك» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2019191
چەلىك «ئاتاتۈرك» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى / كىنو – فىلىم سۇپىسىنىڭ «ئاتاتۈرك» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكادىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى / كىنو – فىلىم سۇپىسىنىڭ ئەرمېنىيە لوبىسىنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئېگىپ، <ئاتاتۈرك> ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تارقىتىشتىن توختىشىشى نومۇس قىلارلىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر سۇپىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە خەلقىنىڭ قىممەت قارىشىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر.

بىز ئىلگىرى ھەر خىل سورۇنلاردا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئامېرىكادىكى بۇ ئاتالمىش ​​ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىسى، تارىخىي ۋەقەلەرنى يالغانچىلىق سىياسىتىنىڭ قورالى قىلىۋاتىدۇ. بۇ لوبىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى، قايتا -  قايتا نامايان بولغىنىدەك، تۈركىيە - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش. بۇ شايكىلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئاتاتۈرك ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇ شايكىلارغا باش ئەگكەنلەرگە نومۇس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر