تۈركىيە ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچىل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشتىن ئىبارەت ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلىدى.

2016942
تۈركىيە ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ ئاشقۇن كۆچمەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشتەك ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

باياناتتا: «بىز مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇقەددەس ئورنىغا ۋە خەلقئارا قانۇننى تايانچ قىلغان ئەسلىدىكى تارىخىي ھالەتنى ساقلاپ قېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە رۇخسەت قىلىنماسلىقىنى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئەستايىدىللىق يولغا قويۇشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر