ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2014527
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنى ئۇۋىسىدا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ۋە ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە – قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.