ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىتۋانىيەدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى دائىرىسىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

2010009
ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ لىتۋانىيەدىكى ئۇچرىشىشى بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىندىن بۇرۇنقى باياناتىدا، «(ئامېرىكا بىلەن بولغان) ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم دائىرىسىدە، ئەمدىكى نۆۋەت دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتلەرگە كەلدى، دېگەن قاراشتىمەن. بۇ ئۇچرتىشىشنى شۇنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ قارايمەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز گويا ئىسسىنىش ساياھىتىگە ئوخشايتتى، ئەمدىلىكتە بولسا يېڭى بىر جەرياننى باشلىماقتىمىز» دېگەن ئىدى.

تۈركىيەدە ماي ئېيى (2023) دا ئۆتكۈزۈلگەن  سايلاملاردىن كېيىن، بايدىننىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ۋە تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىنغا: «ئالدىمىزدىكى سايلام جاريانىدا سىزگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن» دېگەن ئىدى.

بايدىنمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا شىۋېتسىيەگە قاراتقان دىپلوماتىيەسى ۋە رەھبەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ،  تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش كېلىشىمىنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا، «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن» دەپ باھا بەرگەن بايدىن، ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن ئىدى.

بايدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 2024-يىلى ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇق تىلىگەنلىكىگە قارىتا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ، «كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە سىز بىلەن ئۇچرىشىشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتىمەن» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر