ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىدىن يەنە بىرى  بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىنىڭ ئاتالمىش ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى فەرىت يۈكسەل  بىر تەرەپ قىلىندى.

2009226
ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىدىن يەنە بىرى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، بىر تېررورچىنىڭ 852 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر غارغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇ تېررورچى «تەسلىم بول!» چاقىرىقلىرىغا ئوق چىقىرىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، يوشۇرۇنۇۋالغان غاردا ئالاھىدە ئەترەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

بۇ تېررورچىنىڭ ئالدىنقى يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان «سىيابەند» لەقەملىك ئاتالمىش زاپ رايونى كاتتىبېشىغا يېقىن كىشىلىەردىن «شەرزان ماۋا» لەقەملىك فەرىت يۈكسەل بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رايونلۇق ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

تەكشۈرۈش داۋامىدا، بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ ئالدىنقى يىللاردا يوشۇرۇنۇۋالغان غاردا چۈشكەن رەسىمىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بىر، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى  «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر بولۇپ، جەمئىي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر