ئەردوغان كېلەر ئاي پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر ئاي رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2008744
ئەردوغان كېلەر ئاي پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئەردوغان بايبۇرتتا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يەرشارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى، زاۋۇتلارنىڭ ئايلارغىچە تاقىلىپ قالغانلىقىنى، نۇرغۇن جايلاردا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ناچار ئەھۋاللارغا دۇچار بولغانلىقىنى  ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بىز بۇ جەرياننى تىنچ (ئاسان) باشتىن كەچۈردۇق. ھېچبىر ئىنسانىمىزنى ئىگە چاقىسىز تاشلاپ قويمىدۇق ، ئەمدى يۇقۇملۇق كرىزىسى ئاخىرلاشتى دەۋاتقان بىر پەيتتە قارا دېڭىزدىكى قوشنىلىرىمىزدا (رۇسىيە-ئۇكرائىنا) ئۇرۇشى پارتلىدى. ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھالىرى پۈتۈن دۇنيادا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئادىل ۋە تەڭپۇڭ پوزىتسىيەدە بولدۇق. ئۇرۇش لوبىسىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئۆكتىچىلەرنىمۇ ئىشقا سېلىپ بىزنى ئوتقا ئىتتىرىشىگە يول قويمىدۇق. ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ناچارلىشىشىغىمۇ يول قويمىدۇق. تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينى كۈتۈۋالدۇق، (رۇسىيە پىرېزىدېنتى) پۇتىن ئەپەندى بىلەنمۇ ئىنشائاللاھ ئاۋغۇستتا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن قوغداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەمما ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا تەسىرى بولىدۇ. 6-فېۋرالدا (قاھرامانماراشنى ئاساس قىلغان) يەر تەۋرەش دۆلىتىمىزگە 104 مىليارد دوللار زىيان سالدى. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەنە ھەل قىلىپ ئورنىمىزدىن دەس تۈرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر