ھاقان فىدان ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2008757
ھاقان فىدان ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھاقان فىدان  بىلەن ئانتونى بلىنكېن تېلېفون سۆھبىتىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كېڭىيىشى، ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ناتو باشلىقلار يىغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەگە قارىتا چېگرا ھالقىغان ياردەم مېخانىزمىنى كېڭەيتىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

ھاقان فىدان يەنە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جولى فىداننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

سۆھبەتتە، ناتونىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر