ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا  بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2007934
ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىس سايلىمىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىداغا تەشەككۈر ئېيتتى.

تۈركىيە-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ بۇ يىل 10 -، كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100-  يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق، مائارىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، پەن-تېخنىكا قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ياپونىيە نامايان قىلغان قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىڭ ئەسكەرتتى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە تېخىمۇ كونكرېت تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر