يەرلىكايا ھاككارىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ قوراللىرى بىلەن يوقىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2001904
يەرلىكايا ھاككارىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ساقچى باش ئىدارىسى ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا ئېىلپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا بايقالغان ئۈچ تېررورچىنىڭ ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەبرىكلىگەن يەرلىكايا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر