ئەردوغان بىلەن ئوقتاي ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۈرەشنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1987398
ئەردوغان بىلەن ئوقتاي ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى
fuat oktay.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، شىرناقنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدىكى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا شېھىت بولغان ئۈچ ئەسكەرگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، يارىلانغانلارغا شىپالىقلار تىلىدى.

شېھىتلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر - تاقەت تىلىگەن ئەردوغان: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك  ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۈرەشنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتايمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تەزىيە ئۇچۇرى ھەمبەھرىلەپ: «شىرناق بەستلەر دەرەلەر رايونىدا خائىن تېررورچىلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا شېھىت بولغان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، مۇسىبەتلىك ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر – تاقەت، يارىدارلىرىمىزغا شىپالىقلار تىلەيمەن. ئەزىز خەلقىمىزدىن ھال سورايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر