تۈركىيە سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى

سۇداندىكى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 23 – ئاپرېل باشلانغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى 1 – مايدا تاماملاندى.

1981524
تۈركىيە سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «سۇدان جۇمھۇرىيىتىدە 2023- يىلى 15- ئاپرېلدىن بۇيان ئارمىيە بىلەن جىددىي ياردەم بېرىش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىز خەلقئارانىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن قايغۇرماقتىمىز. باشتا جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان) بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز (مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ) ۋە باشقا ئورگانلار ۋەقەلەر باشلانغاندىن بۇيان سۇداندىكى سۆھبەتداشلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىپ كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا يەنە: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، تۈرلۈك تەشەببۇسلارنى يولغا قويماقتا ۋە سۇداندا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداش قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر خىل دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تاماملانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «سۇداندىكى پۇقرالىرىمىزنىڭ قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2023- يىلى 23 - ئاپرېل باشلانغان تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىمىز بۈگۈن (1-ماي) تاماملاندى. بىز تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىمىزگە تۆھپە قوشقان بارلىق دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئېفىيوپىيە، مىسىر، سۇدان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر