سۇداندىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

سۇداندىن ھەربىي ئايروپىلان بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسى پايتەخت ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى.

1981285
سۇداندىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK) ئوتتۇرىسىدا 15 – ئاپرېلدا باشلانغان ئىچكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن سۇداندا قاپسىلىپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

سۇداننىڭ پورت سۇدان شەھىرىدىن يولغا چىققان 100 دىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسى ھەربىي يۈك ئايروپىلانى بىلەن كەچتە ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودورومىغا ئېلىپ كېلىندى.

تۈركىيە پۇقرالىرى ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن كېيىن ئاپتوبۇس بىلەن ئايرودورۇمدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر