تۈركىيە سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە سودان ئارمىيەسى بىلەن تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن سۇداندا قاپسىلىپ قالغان پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1981059
تۈركىيە سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەشكىللىگەن تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 كىشى ئاپتوبۇس بىلەن قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى خارتۇمدىن سۇدان پورتىغا قاراپ يولغا چىقتى.

تۈركىيە 15- ئاپرېلدا توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق 2000 دىن ئارتۇق پۇقراسىنى شۇنداقلا 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر