تۈركىيەنىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تۇنجى يەرلىك ئايروپىلانى <HÜRJET> كۆكلەردە

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) تەرىپىدىن يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياسالغان، تۈركىيەنىڭ تۇنجى رېئاكتىپ موتورلۇق مەشىق ۋە يېنىك ھۇجۇم ئايروپىلانى «HURJET» تۇنجى ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

1979431
تۈركىيەنىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تۇنجى يەرلىك ئايروپىلانى <HÜRJET> كۆكلەردە

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياسالغان تۇنجى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلانىمىز «HÜRJET»  بىرىنچى مەشىق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى. ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن ۋە تۈركىيە ئەسىرىگە سوۋغا بولسۇن» دېدى.

ئەردوغان «HURJET» نىڭ ئۇچقان ۋاقىتىدىكى رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

«HÜRJET» بىر موتورلۇق، ماس قەدەملىك ۋە زامانىۋى ئاۋىياتسىيە يۈرۈشلۈك كابىنكىسى بىلەن ئەۋزەل ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە شەكىلدە لايىھەلەنگەن ئىدى.

«HURJET» لايىھەسى Jet  تاكامۇللۇق مەشىقى دائىرىسىدە ئىشلىتىلگەن «T-38» ئايروپىلانلىرى  بىلەن ئاكروتىم ئۇچۇش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلگەن F-5 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىغا،  تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىش پىلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ لايىھەنىڭ گۇۋاھنامەگە ئېرىشىشنىڭ 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىپ، «HÜRJET»  ئايروپىلانىنى رەسمىي ئىشلىتىلىىشنى باشلاش نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر