تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران تۆت تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى.

1979424
تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران تۆت تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران تۆت تەرەپ يىغىنىدا، تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىشى مۇمكىن بولغان كونكرېت قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تۆت تەرەپ يىغىنىدا، سۈرىيەدىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەش مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يەنە، سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ كۈچەيتىلىشى قاتارلىق تېمىلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىنغا، مىنىستىر ئاقار  بىلەن تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھاكان فىدان، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېيتېنانت گېنېرال ئەلى مەھمۇد ئابباس، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد رىزا ئاشتىيانىدىن سىرت يەنە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقلىرىمۇ قاتناشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر