تۈركىيە سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۇداننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى ئەل سادىق ئەلى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1978384
تۈركىيە سۇداندىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۇدان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى ئەل سادىق ئەلى بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە، سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بۈگۈن قۇرۇقلۇق بىلەن ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خارتۇمدا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ توپلىنىش ۋە چىقىش نۇقتىسى سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان ئىككى مەركەز بېكىتىلدى. بىرىنچى مەركەزنىڭ روتانا ئەل-سالام مېھمانخانىسى، ئىككىنچى مەركەزنىڭ  كافۇرىدىكى نۇر جامەسى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋاد مادانى شەھىرىدىكى تۈركىيە رىستورانىنىڭمۇ يەنە بىر يىغىلىش ۋە ھەرىكەت نۇقتىسى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۇ سەپەرنىڭ 22 سائەتتىن 24 سائەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تارقاقلاشتۇرۇلۇشنى خالايدىغان پۇقرالارنىڭ تۈركىيەنىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسىغا تەۋە  ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسلىرىغا ئەگىشىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، سۇداندىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىغىمۇ ياردەم قىلىنىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر