ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1977626
ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن، بۇ يىلقى رامىزان ئېيىنى ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى، يەر تەۋرەش ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر – تاقەت تىلىدى.

ئەردوغان بۇ مۇبارەك كۈنلەردە بولۇپمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت> نىڭ جاراھەتلىرىنى دۆلەت بىلەن خەلق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، بىر گەۋدە ھالىتىدە ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا تېڭىۋاتىمىز. نۆۋەتتە خارابىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى تازىلاندى. 100 مىڭدىن ئارتۇق يەر تەۋرەش تۇرالغۇسى ۋە كەنت ئۆيلىرى قۇرۇلۇشى باسقۇچى باشلاندى. بۇلاردىن تەخمىنەن 50 مىڭ تۇرالغۇنىڭ ئۇلى سېلىندى. خارابىلىكلەر تازىلىنىپ، ئورنىغا يېڭى تۇرالغۇلار سېلىنغانسېرى يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.»

 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گەرچە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىمكانىيەتلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى بالدۇرراق يېڭى ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر